题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
قاتناش ساقچىسىنىڭ رەسىمدىكىدەك قول ئىشارىتىنى كۈرگەندە قانداق يۈرۈش كېرەك ؟
A.ئۇدۇل يۈرۈش كېرەك
B.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ساقلاش كېرەك
C.ئوڭغا بۇرۇلۇش كېرەك
D.سولغا بۇرۇلۇش كېرەك
正确答案:B
1.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش لازىم.
2.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، كېلەركى چىقىش ئېغىزى يىراقراق بولسا، بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟
3.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يولدا ئورنىدىن قوزغىغاندا قانداق قىلغاندا تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟جاۋاب:خوت دەستىسىنى( )كېرەك.
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى سۈرئەت چەكلەش بەلگىلىسىدە كۆرسىتىلگەندەك بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ
5.ئاسان تارقىلىدىغان چىرتكۈچى خاراكتېرلىك پار ياكى زەھەرلىك گازغا ئوت كېتىپ ئۇنى ئۆچۈرگەندە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار زەھەردىن مۇۋاپىئەلىنىش نىقابى ۋە مۇناسىۋەتلىك قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى كىيىپ، شامالنىڭ يوقىرى تەرىپىدە تۇرۇپ قۇتقۇزۇش كېرەك.
6.چاقنىڭ يەل بېسىمى بەك تۆۋەن بولغاندا يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈۋاتقان چاق دولقۇنسمان ئۆزگىرىپ، تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتسە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
7.ئاپتوموبىل يېنىچە تېيىلىپ كەتكەندە دەرھال ( )بىلەن بىرگە رولنى تېيىلغان تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ،ھەمدە رولنى قايتۇرۇپ تەڭشەپ تۈزلىنىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق يول يۈرۈش لازىم.
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ بۇ يول ئېغىزىدا بىۋاسىتە ئوڭغا بۇرۇلسا بولىدۇ
9.يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىر ( ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
10.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇ بېسىپ كەتكەن كۆۋرۈك ياكى يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە،توختاپ سۇ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ،بىخەتەرلىككە كۆز يەتكەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈش لازىم.
1.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مۇز تۇتقان يولدا قانداق ئۇچرىشىش كېرەك؟
2.ئاپتوموبىل ئۇدۇل يۈرۈش لىنىيەسىدىن چەتنەپ ھادىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تورمۇز پىدالىنى تەكرار دەسسەپ، توختاش ئارىلىقىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىپ، ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇش زەربە كۈچىنى يېنىكلىتىش لازىم.
3.ھەرىكەتلىك رەسىم 5دە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانچە خىلى بار؟
4.قىزىل چەمبەر ئىچىدىكى بەلگە سول تەرەپتىكى يولدا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرشىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
5.پاتقاق يولدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى چاق قۇرۇق ئايلىنىپ تېيىلسا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
6.يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاپتوموبىل ياندىغاندا ئالدى چىراغنى يېقىپ، ئۈزمەي سىگنال بېرىپ، تېزدىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك.
7.ۋۇ ×× 33 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 22) 163-نومۇرلۇق ناھىيە يولىنىڭ 7 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇس كونتروللۇقىنى يوقىتىپ چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 10ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،21 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدىن كېيىنكى ئسىپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋۇ ×× نىڭ قېنىدىكى سىپىرتنىڭ تەركىبى 26 مىللىگىرام/يۈز مىللىلىتىر بولغان. ۋۇ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
8.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توسالغۇغا، كاشىلىغا ئۇچرىغاندىن باشقا چاغلاردا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئادەملەرنىڭ چىقىرىپ-چۈشۈرۈشكە ياكى يۈكلەرنى قاچىلاپ-چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىسىمۇ بولىدۇ.
10.قىزىل چىراغ يانغاندا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ قاتنىشىغا بولىدۇ.
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com