题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇمانلىق كۈنلەردە ۋاقىتلىق توختاتقاندا قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك؟
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى ،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
B.سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
C.ئالدى چوڭ چىراغ،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
D.ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش چىرىغى،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
正确答案:A
1.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توختاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىپ-چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، بىر يۆنىلىشتە ئۈچ ئاپتوموبىل يولى بولسا سول تەرەپتىكى يولدا كېتىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك يول ئېغىزىدىن سولغا بۇرۇلماقچى بولغاندا قانداق ھەيدەش كېرەك؟
3.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە، ھەيدىگۈچى ھەرگىزمۇ جىددىي تورمۇز قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئىمكانقەدەر مەجبۇرىي تۆۋەن خوتقا سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، موتورنىڭ تورمۇزلاش رولىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش لازىم.
4.ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان يارىدار ئۇسساپ كەتكەندە تۇزلۇق سۇ ئىچسە بولىدۇ.
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول بۆلىكىدە يانداشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
6.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يولدا ئورنىدىن قوزغىغاندا قانداق قىلغاندا تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟جاۋاب:خوت دەستىسىنى( )كېرەك.
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ يۈرەلمەي قالغاندا، ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە سۆرىتىپ يۈرۈشكە بولىدۇ.
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يولىدىكى مۇزلۇق يولدا يۈرۈۋاتقاندا، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل داۋانغا چىقىۋاتقان بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
9.ئاپتوموبىل داۋاندىن چۈشۈۋاتقاندا،كاشىلا سەۋەبىدىن ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىشقا توغرا كەلگەندە، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۇسۇلنى قوللىنىپ چاققا دىيەك قويۇش لازىم.
10.قان كۆپ چىقىپ كېتىپ شۈك بولۇپ قالغان يارىدارلارنى قۇتقۇزغاندا ئىسسىق ساقلاش لازىم.
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك كوچا ئاپتوبوسى بېكىتىدە، قانداق قىلغاندا كوچا ئاپتوبوسىنىڭ تۇيۇقسىز ئورنىدىن قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
2.ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ خەتەرلىك جايلارغا دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بەلگە بولۇپ،بەلگىلەرنىڭ تېگى سېرىق،چۆرىسى قارا،رەسىم نۇسخىسى قارا رەڭدە بولىدۇ.بەلگىلەرنىڭ شەكلى( )بولىدۇ.
3.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟
4.ئاپتوموبىل يول يۈرۈش جەريانىدا،ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار كىرەكسىز قەغەز ۋە باشقا ئەخلەتلەرنى( )كېرەك.
5.يول يۈرۈش جەريانىدا باشقا ئاپتوموبىلنىڭ ناچار يوللاردا پېتىپ قىلىپ ماڭالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىش كېرەك.
6.ئاپتوموبىلنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك دائىرە ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ
7.ئادەم،ئاپتوموبىل ۋە يول، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتىكى ئۈچ ئاساسى ئامىل بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ھەل قىلغۇچ ئامىل ھىساپلىنىدۇ.
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە دەرھال ئىشىك- درىزىلەرنى چىڭ ئېتىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىشىنى توسۇپ، ھاۋا ئۆتۈشۈشنى ۋاقتىنچە ئۈزۈپ تاشلاپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملارغا ھادىسە يۈز بەرگەن جاينى تېلېفوندا ئۇقتۇرۇپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك.
9.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يولنىڭ ئوتتىرسىدىكى سېرىق رەڭلىك تۇتاش-ئۈزۈك سىزىق ياندىغاندا سىزىقتىن ھالقىپ ئۈتۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
10.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن تورمۇز پىدالىنى يېنىك، ئۈزۈلدۈرۈپ دەسسەپ تورمۇزلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىيگە كەلتۈرۈش كېرەك.
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com