题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى تاغ ئېغىزىدا توغرا شامالغا دىققەت قىلىشنى ئاگاھلاندۇش بەلگىسى
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
1.چىيەن ×× 45 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنى (بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 40) سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇدا ئايلانما تاغ يولىنىڭ جىددىي بۇرۇلىدىغان بۆلىكىگە كەلگەندە ئاپتوبۇس 100 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 17ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،20 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چىيەن ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ توسۇلۇپ قالغان يول ئېغىزىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟
3.يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ 48-ماددىسىنىڭ 5-تارمىقىدا:كېچىدە ئۇچراشقاندا قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن( )مېتىر ئارىلىقتا يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.
4.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلىپ سۈرئەت ئاستىلىتىش يولىدا سۈرئەتنى ئاستىلاتقاندىن كېيىن باغلىما يولغا كىرىش لازىم.
5.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك پىيادىلەر توغرا يولىدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك؟
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ سۈرئەت ئاشۇرۇش يولىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ قانچىگە چىقىرىش كېرەك؟
7.ئومۇرتقا سۆڭىكى سۇنغانلارنى يۆتكىگەندە، يۆلەپ ماڭدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇنى يۇمشاق نوسۇلكا بىلەن يۆتكەش كېرەك.
8.قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر تەرەپ ئالاقىدار كىشى ساقچىغا مەلۇم قىلىش شارائىتى بار تۇرۇپ دەرھال ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي ھادىسىنىڭ ئاساسى پاكىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئامال بولمىسا( ).
9.ماي پىدالىنى دەسسىگەندە ( ) كېرەك.
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپ 100 مېتىر ئارىلىقتا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۇرتىدىغان ئورۇن بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ
1.ۋۇ ×× 33 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 22) 163-نومۇرلۇق ناھىيە يولىنىڭ 7 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇس كونتروللۇقىنى يوقىتىپ چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 10ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،21 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدىن كېيىنكى ئسىپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋۇ ×× نىڭ قېنىدىكى سىپىرتنىڭ تەركىبى 26 مىللىگىرام/يۈز مىللىلىتىر بولغان. ۋۇ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
2.ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەر يول ياقىسىدا توختىتىپ قۇيۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە،ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى يۈنىلىش كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا ئالدى تەرەپتىكى يولدا ئۇدۇل يۈرۈشكىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
4.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە، ھەيدىگۈچى ھەرگىزمۇ جىددىي تورمۇز قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئىمكانقەدەر مەجبۇرىي تۆۋەن خوتقا سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، موتورنىڭ تورمۇزلاش رولىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش لازىم.
5.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش جەريانىدا ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل يولىغا كىرىۋالغانلىقىنى كۆرگەندە دەرھال سىگنال بېرىپ يول بېرىشكە مەجبۇرلاش لازىم.
6.ياڭ ×× مەلۇم بىر كۈنى سائەت 19 دىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 1 گىچە 57 ئادەم قاچىلانغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) جىنچىېڭجىياڭ رايونى تەۋەسىدىكى 050 نومۇرلوق دۆلەت يولىنىڭ 3008 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 110 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى چاقى ئېتىلىپ كېتىپ 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،22 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياڭ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
7.خاۋ ×× 84.84توننا يۈك قاچىلانغان ئېغىر تىپلىق ئاغدۇرما ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ (بەلگىلەنگەن يۈك قاچىلاش مىقدارى 15.58 توننا) لۈئەنشەن ناھىيەسىدىكى 262 نومۇرلۇق دۆلەت يولىنىڭ 34 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 623 مېتىر كېلىدىغان يېرىدە،ئالدى تەرەپتىكى بىر يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقان 45.85 توننا يۈك بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلنىڭ(بەلگىلەنگەن يۈك قاچىلاش مىقدارى 21.71 توننا) كەينىگە سوقۇلۇپ كېتىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن.ئاپتوموبىل يول بويىدىكى ئادەملەر توپىغا بۆسۈپ كېرىپ 19 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،17 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بەلگە يول بۆلىكىدە قاتناش كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
9.تېڭىقتا، قان توختىتىشتا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان بۇيۇملار قايسى؟
10.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېچىدە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك؟
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com